2006.08.23

kok-batyarq-melike-200.jpg
ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق مەلىكەنىڭ ئۆيى ئالدىدا لەپىلدىمەكتە..

بىز بۇرۇنقى پروگراممىزدا شۋېتسىيىدىكى بىر شۋېت ئايال بېقىۋالغان ئۇيغۇر قىزى مەلىكە توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مەلىكە گەرچە تۇغۇلۇپ ئەمدىلا ئىككى ھەپتىلىك بولغاندا شۋېتسىيىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ چوڭ بولۇش جەريانىدا بېقىۋالغان ئاپىسىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ چوڭ بولغان. شۋېت ئانا مەلىكىگە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق داۋاملىق ئۇچۇر بىرىپ تۇرغاندىن سىرت ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇيغۇرچە كىتاپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئەكەلدۇرۇپ ئۆيىگە تىزىپ بەرگەن. ئۆينىڭ بىر تېمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل دوپپا، تۇماق قاتارلىق باش كىيىملىرى بىلەن تولدۇرۋەتكەن.

گەرچە مەلىكە ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋەتىنىگە بېرىپ باقمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە سىياسى تەقدىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان ۋە بۇ ھەقتە بىلىم ئىگىلىگەن.

ئۇ ئالدىنقى قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتىنى شەرقى تۈركىستانغا ۋە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى بولغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا ئالاھىدە ئىخلاسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى ستوكگولم شەھىرىدىكى گۈزەل ئارالغا جايلاشقان تۇرالغۇسىغا بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارنى چاقىرىپ ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى بايراق چىقىرىش خادىسىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چىقىرىش تەنتەنىسىنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇ كۆكتە لەرزان لەپىلدەۋاتقان كۆك بايراققا قارىغان ھالدا ھاياجانلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇيغۇرلار بايرىقىنىڭ شۋېتسىيە ئاسمىنىدا تۇنجى قېتىم لەپىلدىشى،مەن بايرىقىمىزنىڭ مەڭگۈ جەۋلان قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇ مەن ئۈچۈن ناھايتى خۇشاللىنارلىق ۋە قىزىقارلىق ئىش بولدى.

بايراق چىقرىشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئىنقىلابچى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىم ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.