2006.08.18
نوبىل فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، 2006 – يىلقى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتلىرى بۇ يىل 2 – ئۆكتەبىر ۋە 13- ئۆكتەبىر كۈنلىرىدە ئېلان قىلىنماقچى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرىدىن بىرى.
نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى 13- ئۆكتەبىردە نورۋىگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىكەن. نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا بۇ يىل جەمئىي 191 شەخس ۋە ئورگان نامزات. لېكىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھىندىستانلىق ئەمگەك ۋە بالىلار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىدىن كايلاش ساتيارتى بىلەن راۋى شانكار ۋە تيەنئەنمىن ئانىلىرى رابىيە قادىر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان كۈچلۈك نامزاتلار، دەپ قارالماقتا. ر
رابىيە قادىر ئۆتكەن يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلار تىزىملىكىدىكى كۈچلۈك كاندىداتلارنىڭ بىرى، دەپ قارالغان ئىدى. لېكىن 2005 – يىلقى مۇكاپات خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئىدارىسى ۋە مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇدىرى مۇھەممەت ئەل بارادېيغا بېرىلدى. بۇ يىلقى نامزاتلار ئىچىدە فىللاندىينىڭ سابىق پرېزىدېنتى مارتى ئاتىسائارى، ئېرلاندىيىلىك روك مۇزىكا چولپىنى بونو ۋە باب گېلدوفلار بار. ئاتىسائارى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئاچېخ پارتىزانلىرىنىڭ 2005 – يىلى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىدا كېلىشتۈرگۈچىلىك رول ئوينىغان. ئۇ ھازىر ب د ت نىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىرىنىڭ ئىسمىنى نوبىل كومىتېتى مەخپىي تۇتسىمۇ، لېكىن نامزات كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ نامزاتىنى ئاشكلارىلاش - ئاشكارىلىماسلىقى ئۆزىگە باغلىق. (ئەركىن)