2006.08.09
تىبەت يازغۇچىسى دولما كياب خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان دەپ ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان.
ئامېرىكىدىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى مەلۇم قىلىشىچە، 29 ياشلىق دولما كياب يەنە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تىبەت خەلقىنىڭ دالاي لاماغا بولغان تىلەكلىرى ئىپادىلەنگەن «تۇراقسىز ھىمالايا» دېگەن كىتابنى يازغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇنغا ئۇچرىغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىغا باغلىنىشى بارلىغىنى كۆرسەتكەن ھەتتا ئۇنى جاسوسلۇق بىلەنمۇ ئەيىبلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دېموكراتچىلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قارىتا بۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلاش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ئەيىبلەشلىرىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىپ كەلمەكتە.
بۇنىڭ قاتارىدا، رابىيە قادىر ، تارىخچى توختى موزات ۋە يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىقلارمۇ خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ قۇربانى بولغان ئىدى. خىتاي ئادەتتە بۇ جىنايەتكە 10 يىلدىن 15 يىلغىچە كېسىم بېرىدۇ. (پەرىدە)