2006.08.03
تۈركىيىدىكى ئەڭ كونا پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەت پارتىيىسى باشلىقى ئايقۇت ئەدەبالى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى فىلىز خانىم باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرى 7-ئاينىڭ 29-كۇنى ئەنقەرەدىكى دەدەمان مېھمانخانىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى خايرۇللاھ ئەفەندىگىل باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.
مىللەت پارتىيىسى باشلىقى ئايقۇت ئەدەبالى ئەپەندى ئالدى بىلەن سوز قىلىپ مۇنداق دېدى:
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھەقلىرىنى بېرىشى كېرەك. مەن تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيە نامىدا شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈركىيە- خىتاي دوستلۇقى شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى دېموكراتىيە ئىچىدە ياشىغاندىلا، ئەركىن، ھەق ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ۋاقىتتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىز خىتاي بىلەن دوست بولۇشنى خالايمىز. ئەمما ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، ئىجتىمائىي، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى بېرىش شەرتى بىلەن.
مىللەت پارتىسى باشلىقى ئايقت ئەدىبالى ئەپەندىنىڭ سوزى ئاھىرلاشقاندىن كېيىن بىز بەزى سوئاللارنى سورىدۇق.
ھۆرمەتلىك ئايقت ئەدەبالى ئەپەندى، يېقىندا گۇئانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنى تۈركىيە قوبۇل قىلمىدى. ئالبانىيە قوبۇل قىلدى. بۇ يىل 4-ئايدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان بىر يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانە ھەقلىرى كۈرەشچىسى رابىيە قادىر خانىم كەلمەكچى ئىدى. ئەمما تۈركىيە ۋىزا بەرمىگەچكە يىغىنغا قاتنىشالمىدى. سىز بۇلارغا قانداق قارايسىز؟
ھەقىقەتەن بىئارام بولدۇم. مەن بىر ئۆكتىچى پارتىيە باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداقلا يىللىرىنى مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بىر كىشى بولۇش سۇپىتىم بىلەن بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. بۇ مۇسۇلمان ئۈچۈن نومۇس قىلغۇدەك بىر ئىش. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل بۇ خاتاسىنى تۈزىتىشى كېرەك. بۇ بىر خاتا. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىغا قاراتقان تەسلىمىيەتچى ۋە ئاڭسىزلارچە سىياسىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزىتىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تەررورىست كۆرۈشۈش قىلمىشىنى داۋام قىلدۇرىدىغان بولسا، بىز تۈرك خەلقى بىلەن دوست بولالمايدۇ. بىزدىن دوستچە مۇئامىلىمۇ كۆرەلمەيدۇ. بىز مىللەت پارتىيىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتىنى خەلقىمىزگە ئاڭلىتىمىز.
سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن يېقىن دوست ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. ئەيسا ئەپەندىم بىلەن قاچان قانداق تونۇشقان ئىدىڭىز، قانداق بىر كىشى ئىدى سىزچە ؟
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن 1962-يىلى تونۇشقان ئىدىم. بىر ژوئۇرنالىست دوستۇمنىڭ ئىشخانىسىدا تونۇشقان ئىدۇق. ئۇ ناھايىتى ئاقكۆڭۈل، ئالىيجاناپ، توغرا سۆزلۈك، ئائىلىسىنى، بالىلىرىنى، خەلقىنى ئىنتايىن سويىدىغان، پىداكار، غەيرەتلىك بىر كىشى ئىدى. خەلقىنىڭ دەرتلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پۇتۇن ئىمكانلىرى بىلەن تىرىشىدىغان ھەقىقى بىر رەھبەر ئىدى. ئۇ، پۇتۇن قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بولۇپمۇ تۈركىيە خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. بۈگۈن ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيا كۇن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغان بولسا بۇنىڭدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ.
سىزچە رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سىياسىتىگە قوشقان تۆھپىسى نىمە بولدى؟
بۇ سۇئالىڭىزغا شۇنداق جاۋاپ بېرىمەن. ئۇ مەزگىلدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىدى. ئۇ مەزگىلدە تۈركىيىدىكى بەزى زىيالىلار بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى خەۋپكە ئىتتەرگۈدەك دەرىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چوقۇناتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قانداق تۇزۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ، رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. دەل بۇ پەيتتە رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەر يەردە كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ قانداق بىر تۇزۇم ئىكەنلىكىنى، ماۋ ۋە ستالىنلارنىڭ مىليونلارچە تۈركىي خەلقنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ خەلقىمىزنى ۋەتەنپەرۋەر بولۇشقا چاقىردى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، يۇگۇسلاۋىيە ۋە بۇلغارىيىگە ئوخشاش كوممۇنىسى تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردىن قېچىپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىست تۈزۈمىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى. ئۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ مىللى مۇستەقىللىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيتتى. تۈركىيىدىكى سول كۆز قاراشتىكى Bulent Ecevit كە ئوخشاش رەھبەرلەرنىڭ مىللى كۆز قاراشقا ئىگە بولۇشىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى.
ھۆرمەتلىك ئايقۇت ئەدەبالى ئەپەندى، ئەڭ ئاخىرىدا مىللەت پارتىيىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى نىمە؟
بىزنىڭ سىياسىتىمىز شۇ. يەر يۈزىدە ھېچقانداق بىر كىشى ناھاقچىلىككە ئۇچرىمىسۇن. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن دېگەندەك، بىز ئالدى بىلەن ئىنسان، كېيىن مۇسۇلمان تۈركمىز. پۇتۇن تۈركلەر مېنىڭ تۇغقىنىم. مېنىڭ ئۇلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم بار. بۇ سىياسەتلەرنى ئېلىپ بارغان ۋاقتىمىزدا ھېچقانداق دۆلەتكە بويۇن ئەگمەيمىز. بىزنىڭ پارتىيىمىز ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، مىللەتپەرۋەر بىر پارتىيە. بۇ مىللەت سوزى پەقەتلا تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىلا ئەمەس، پۇتۇن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بولسۇن ۋە ياكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىسى بولسۇن، خۇدايىم بۇيرىسا بىز ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە پارتىيىمىزنىڭ توغرا سىياسىتى بىلەن ھەل بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەركىنلىك ئۈچۈن چىقىرىلغان بايراق ھەرگىزمۇ چۈشۈرۈلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ دىنىغا، تۇپرىقىغا، بايرىقىغا، ھەقلىرىگە، ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.