2006.08.01

تۈركىيىدىكى خابەر تۈرك تېلېۋىزيىسىنىڭ داڭلىق پروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنقەرە كوكتىيىل پروگرامىمىسىدا ئۇيغۇر دىيارى تونۇشتۇرۇلماقتا. بۇ پروگرام تۈركىيە خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى كامال بايتاش، تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىسيونى باشلىقى كوكسال توپتان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت رەسمى زىيارەت ئۈچۈن بەئىجىڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا سۈرئەتكە ئېلىنغان. بۇ ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق قاناللىرىدىن بىرى بولغان ھابەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. بۇ تېلېۋىزىيىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى تاكى دوغان ئەپەندى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تۈرلۇك زىيارەتلەر ئېلىپ بارغان.

پروگراممىڭ بۇ قىسمى ئۈرۈمچىدە تارتىلغان بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.