2006.07.26
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆڭ كۆۋرۈك بازىرى ۋە رابىيە قادىر سارىيى ئەتراپىدىكى تىجارەت سورۇنلىرى پەقەت بازار باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىنلا ئەمەس بەلكى، قارا كىيىم كىيگەن قۇراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا ئىكەن. بۇ قوراللىق ساقچىلار مەزكۇر جايلاردىكى بازار باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ھەدىسىلا ئارىلىشىۋالىدىكەن، ئۇلار ھەتتا مەزكۇر بازاردا ئاز -تولا جېدەل – ماجىرا چىقارغۇچىلارغىمۇ توغرا نەسىھەت بەرمەي، ھەدىسىلا ئۇلارنى ئۇرۇپ، دەسسەپ ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىدىكەن. يېقىندا رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر يىگىت ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ ھەقىسىز لىنىيىمىزگە تېلېفون ئۇرغان بۇ ئۇ ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.