2006.07.19
خىتايدا چىقىدىغان «خەلقئارا ئاۋانگارد يېتەكچىلىرى» گېزىتىدە ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە» دەپ ئېلان قىلىندى. مەزكۇر گېزىت يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋەپسىزلىك نازارىتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، » قازاقىستاندا ياشايدىغان قەھرىمان غوجامبەردى، ئادەم ئەۋەتىپ چېگرىمىز ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرغان ۋە چېگرا ئېغىزىدىن دۆلىتىمىزگە زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىمەكچى بولغان » دېدى.
ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاي دائىرىلىرى تىغ ئۇچىنى ، قەھرىمان غوجامبەردىگە قارىتىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تۆھمەت چاپلىدى» دەپ تەكىتلىدى. بۇ ئارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەمدە مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.