2006.07.18
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلىنى قولغا ئېلىپ، بىر قىزىنى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىشى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتتىق نارازلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرلىشىگە يول ئاچتى. بۇ سەۋەبلىك ھەر قايسى دۆلەتلەردە نارازلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرزنامىلەر سۇنۇلدى. ئۇيغۇرلار يەنە، خەلقئارادا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىئىرنى دەپسەندە قىلىدۇ؟ دىگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا .