2006.07.07
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يامان غەرەزلىك ئادەملەر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن ئالداپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىق ، بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئوخشاش جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا سالماقتا.
خەلقئارادا ئادەم تىجارىتى جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخباراتلىرىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پەيزىۋاتتىن 19 ياشلىق 200 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى تىيەنجىنگە يۆتكىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەكلىپ قىلىنغان ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى بۇ ھەقتە توختالدى.