corona virüs ve concentration camp ile ilgili görsel sonucu

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى نۆۋەتتە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بولسا ھازىر تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بىر قىسىم بىمارلارنىڭ داۋالىنىپ ساقايغانلىقى ھەمدە دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.

19-فېۋرال كۈنى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، كانادا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېلزابېت مېي مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئىگە بولمىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىدىن ھازىر تېخىمۇ زور ئەندىشىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«يەر شارى خەۋەرلىرى» نىڭ 20-فېۋرالدىكى سىن ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «تاجسىمان ۋىرۇس كانادادا زور ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغىنى يوق. چۈنكى كانادادا مۇكەممەل تېببىي سىستېما بۇنىڭغا تەييار تۇرماقتا. ئەمما خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بۇنداق ئەمەس،» دېدى.

ئېلزابىت نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مىليونلاپ قامىلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ ماددىي شارائىتىنىڭ بەكمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ زور بىر خەتەرگە يول ئېچىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ نەچچە ئونلىغان كىشى بىر ئۆيگە قاماپ قويۇلۇشتەك ئەھۋالنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا كەڭ يوچۇق ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ لاگېرلاردا زۆرۈر بولغان، ھامان ئېرىشكىلى بولىدىغان تېببىي داۋالاشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ۋابانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يوقلۇقىنى، لاگېرلاردا ۋىرۇسقا قارشى قانداق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىمۇ تاشقى دۇنيانىڭ ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاجسىمان ۋىرۇس مىسلىسىز ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك پەيتتە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان خېيىم-خەتەرگە دىققەت قويۇشقا ئالاھىدە چاقىرىق قىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى