2006.07.06

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ » شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىلچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭىپ كىرىش پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدىكى ھۆججىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆتكەن ئاي » شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى»غا قاتنىشىپ قىلغان سۆزى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش تەشەببۈسى نەتىجىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۈستەقىلچىلىرىگە قاراتقان زەربىسىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ھالدا كۈچەيتمەكتە» دېدى.

دىلشات رىشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكومى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، 7 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ مەدەنيەت ساھەسىدە يەنى ، ئاخبارات ، گېزىت ، ژورنال ، نەشرىياتچىلىق ھەتتا ھەر خىل ئۇن – سىن ئالغۇ بۇيۇملىرىغىچە تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، چېگرا سىرتىدىكى » شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىلچىلىرى» نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭىپ كىرىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشىنى قەتئى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت سۆۆزىدە يەنە»: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىزچىل تۈردە تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق خەلقئارانىڭ ئۇنداق قارىمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تۈرلۈك ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. (ئەقىدە)