2006.07.05

5-ئىيول چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بېشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ۋە ھۈسەنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدا ھۈسەنجاننىڭ ئايالى كامىلەنىڭ قىرغىزىستاندىكى تۇققانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا » بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىملىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزونكىلارنى كۆتىرىپ» رابىيە قادىرنىڭ بالىلىرى قويۇپ بېرىلسۇن » ، » ھۈسەنجان جېلىل قويۇپ بېرىلسۇن!» ، » ئۇيغۇرلارغا ئازاتلىق!» ، » ياشىسۇن دېموكراتىيە، ياشىسىۇن ئەركىنلىك!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشقان.
بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ئاۋالمۇ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازى بولۇپ، ئۆزبەكىستاننىڭ بېشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل ئاپرىل ئېيىدا تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا، ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجاننى تېررورچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئېتىپ تاشلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.