2006.07.04
4 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى، يەنى ئامېرىكا خەلقى 1776 - يىلى مۇستەقىللىق خىتابنامىسىگە قول قويغان كۈن. مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ رەسمىي يوسۇندا ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، مەزكۇر خىتابنامىدە تۆۋەندىكىلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن: ئىنسانىيەت تۇغۇلۇشتىلا باراۋەر، ھەرقانداق بىر كۈچ ئىنسانلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالالمايدۇ، بۇ ھوقۇقلار ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى شۇنىڭدەك بەخىت ھوقۇقىدىن ئىبارەت.
«ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ھېكايىسى» ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى ئەرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىدە تۇتقان مەيدانى تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن. يازغۇچى ئەرك «بىزنىڭ پۈتۈن تارىخىمىز مۇستەقىللىق بىلەن زىچ باغلانغان، مەيلى پرېزىدېنتلىكتىن دەۋرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە تەرغىپ قىلىنغان «ئەركىنلىك ۋە يېڭى ھايات» ئۇقۇمى ۋە ياكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تەكىتلەنگەن » 4 چوڭ ئەركىنلىك» ۋە پرىزدېنت بۇشنىڭ ئىراققا ئۇرۇشىنى » ئىراقتىكى ئەركىنلىك ھەرىكىتى» دېگەن نام بىلەن ئاتىشى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچقاچان تاسادىپىي ئەمەس، چۈنكى ھەربى تەۋەككۈلچىلىك ئەركىنلىك غايىسى بىلەن بىرلەشكەندە خەلقنىڭ ھىمايىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ» دەيدۇ.
«ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق» كۈنى باشقا ئەللەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە سىمۋوللۇق بىر كۈن بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئەۋج ئالغان قۇللۇق تۈزۈمى يىمىرىلىشىنىڭ ئالدى – كەينىدە، ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ بۇ خىل تۈزۈمدىن قۇتۇلغان دۆلەت سانىلىپ ئالاھىدە تەرىپلەنگەن. ھەتتا ۋېيتنام كوممۇنىست رەھبىرى خۇ جىمىن ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، 1945 - يىلى فرانسىيە مۈستەملىكىسىدىن ئازات بولۇپ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دېمەك ئامېرىكا خەلقى «مۇستەقىللىق كۈنى» نى پەخىرلىنىش ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى ئىچىدە تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بۇ بايرامنى، ئاسماندا چاقنىغان ساليوتلارنىڭ ياڭراق ساداسى ۋە رەڭدار نۇرى ئائىستىدا ئۆتكۈزىدۇ. ھەرقانداق بىر ئامېرىكىلىقتىن » بايرامنى قانداق ئۆتكۈزۈسەن » دەپ سورىسىڭىز، ساليوت ئاتىمىز، ساليوتتىن كېيىن دوستلار بىلەن بىللە راسا ئوخشىغان كاۋاپ يەيمىز دېيىشىدۇ.
» مۈستەقىللىق بايرىمى» كۈنى يەنە، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پايتەخت ۋاشىنگتونغا نەچچە يۈز مىڭلىغان ئامېرىكىلىق توپلىشىپ، ئاق ساراينى مەركەز قىلىپ ئېتىلغان ساليوت پائالىيىتىنى تاماشا قىلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ » مۇستەقىللىق بايرىمى» نى بۇ قېتىم، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خاتىرىلىدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا جەم بولۇپ دالا سەيلىسى ئېلىپ باردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە دالا سەيلىسىگە قاتناشقان ئەدھەمجان ئاكىنى زىيارەت قىلدى.