2006.07.03
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەركىتى ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان باستۇرۇش ھەركىتىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەقسىدىنىڭ تېررورچىللىقا زەربە بېرىش كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يول ئېچىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.