2006.06.23

رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، قايتا نامايىشلار يۈز بەردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن ھەپتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. شۇ چاقىرىققا بىنائەن 9 – ئىيۇن كۈنى غەرب دۆلەتلىرىدىن گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە، ئەنگىلىيە ۋە كانادا شۇنىڭدەك تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ھەم كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

13 – ئىيۇن كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئوغلى قاھار ئابدۇرېيىمنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ نارازىلىق قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن نارازىلىق نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇلۇش قارار قىلىندى.

23 – ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ خىلدىكى نامايىش يەنە سكاندىناۋىيىدىكى نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ھەم شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

23 – ئىيۇن كۈنى يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دۇيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نامايىشلاردا نامايىشچىلار رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن يەنە تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي تۇتقۇنلارنى، جۈملىدىن توختى مۇزارت، ئابدۇغېنى ھەم نۇرمۇھەممەد ياسىن قاتارلىقلارنىمۇ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن سىرت يەنە خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەتبۇئاتلىرىدا جۈملىدىن رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىنغان.

رابىيە قادىر ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى

رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن ناھايىتى غەزەبلەنگەنلىكىنى، بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ۋەقەنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدە ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلىگىنىدە ئۆز كۈرىشىنى قەتئىي توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە كەڭچىلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى Rick Santorum سەيشەنبە كۈنى، دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ»، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 20 ‏- ئىيۇن كۈنىنى دىنىي ئەركىنلىك كۈنى قىلىپ بېكىتىشىدىكى مەقسىتى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى، ئامېرىكا ھەمدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت» دېدى.

Rick Santorum يەنە، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنى خىتاي، شىمالىي كورىيە، ئىران، ھىندىستان، مىسىر، ۋېتنام، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا بويىچە، دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئامېرىكا خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ۋەكىلى شاڭخەيدە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىدىكى ئۇيغۇرچە نەشر بويۇملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

ئۆتكەن ھەپتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىلى ئابدۇراخمان ئەلى ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» تېررورچىلىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ قاتارىدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈرگەن ئۇيغۇرچە نەشر بويۇملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ئەلى خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىغا » شىنجاڭ ھازىر ›شەرقىي تۈركىستان‹ تېررورچى كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش سېپىگە ئۆتتى» دېگەن. شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى ئاساس قىلغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئائىت بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويغان ئىدى.

ئابدۇراخمان ئەلىنىڭ بۇ خىل پىكرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ۋە باشقا ساھەلەرگە بولغان كونتروللۇقلارنى كۈچەيتمەكتە. ئۇيغۇر جامائىتى ئابدۇراخمان ئەلىنىڭ بۇ تەكلىپلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشقا ماسلاشقانلىق ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلغانلىق دەپ ھېسابلىماقتا.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي 21-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى.

ھامىد كەرزەينى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە سۆھبەتلەشتى. ھامىد كەرزەي بولۇپمۇ بۇ يەردىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھامىد كەرزەي خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شاڭخەيدە ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. ھامىد كەرزەي بىلەن خۇ جىنتاۋ تېررورىزم، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قاتارلىقلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

پرېزىدېنت بۇش، گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى W بۇش 21-ئىيۇن كۈنى ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادا، گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 ‏- ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇش، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى، پەقەت مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ «رەھىمسىز قاتىللار » دەپ قارىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىر گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ 5 ئى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز سانىلىپ، ئالبانىيىگە تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ 17 سى يەنىلا شۇ جايدا تۇرماقتا. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەگەردە بۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.(ئۈمىدۋار)