2006.06.20

UAA_BOD_2006_.jpg
رابىيە خانىم UAA سايلىمىدا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئىدى. UAA resimi

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىم، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەمدە باج ئوغرىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئىلىندى، قىزى روشەنگۈل ئۆيىدە نەزەربەند قىلىندى.

بەزى كۆزقاراشلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قولغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلىنى قولغا ئېلىشى، ئۇنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە تەسىر قىلدىمۇ؟ رابىيە قادىر خانىم ئوغۇللىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلقئارادا قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟

بۇلارنى مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلغان رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبتىدىن ئاڭلاڭ.

ر