2006.06.17
رابىيە قادىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى تۇتقۇن قىلىندى
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق قاھار ئابدۇرېيىم ئىسىملىك ئوغلى 13-ئىيۇن كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلىنگەن. 6-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئالىم ئابدۇرېيىم، ئابلىكىم ئابدۇرېيىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى توختىتىپ قويغان ھەمدە قىزى رۇشەنگۈلنى نەزەربەنت قىلغان ئىدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا ھازىر رابىيە قادىرنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمى قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىكەن.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار، بۇ 3 ئاكا – ئۇكىنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان، باج ئوغرىلىغان ياكى باج ئوغرىلاش ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ماسلاشمىغان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرغان.
رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنسىز ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، دەپ ئەيىبلىدى. خىتاينى رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى، «چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ قولغا ئېلىنىشىدىن پەۋقۇلاددە ئەندىشە تۇيماقتا » دەيدۇ.
رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشقا چاقىردى. ئۇ، «بالىلىرىمنىڭ ئىشى بالىلىرىمنىڭ، مېنىڭ ئىشىم مېنىڭ بولۇشى كېرەك» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈردى
گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمى ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى.
شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلماقتا. مەركىزى نيۇ – يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئۈچۈن قوللانماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «خەلقئارا ئىسلام تېررورچىلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىشىگە ياردەمچى بولدى» دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە نورۋېگىيىدىكى رافتو فوندى جەمىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا زەربە بەرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تەنقىد قىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى
15 – ئىيۇن كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان دۆلەتلەرنىڭ شۇنىڭدەك كۆزەتكۈچىلىق سالاھىيىتىگە ئەرىشكەن ئىران ،ئافغانىستان، پاكىستان ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ باشلىقلىرىمۇ شاڭخەيگە جەم بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىدىن بىشارەت بېرىشتى. مەلۇمكى، شاڭخەي ھەمكارلىقى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى ئۆز ئالدىغا قويغان ئاساسىي مەقسەتلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلمەكتە.
شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بۇ قېتىم تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئون ھۆججەتكە قول قويغان بولۇپ، ئۇلار تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكالىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىس قىلىنغىنىغا بۇ يىل بەش يىل توشتى. مەزكۇر تەشكىلات دەسلەپتە قۇرۇلغاندا شاڭخەي بەشلىكى دەپ ئاتىلىپ، پەقەت چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇددىئا قىلغان بولسا، كېيىن ئاستا-ئاستا مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش شۇنىڭدەك رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇئارى بىلەن مەيدانغا چىقتى. غەرب كۆزەتكۈچىلىرى شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقان ھەربىي سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشمەكتە.
ئامېرىكا خىتاينىڭ 4 چوڭ سانائەت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى توڭلاتتى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 13 - ئىيۇن كۈنى، خىتاينىڭ لىممت سودا شىركىتى ۋە چاڭچەڭ سانائەت شىركىتى قاتارلىق 4 شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى توڭلاتتى ۋە بۇ شىركەتلەرنى «ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشقان» دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىممىت قاتارلىق خىتاينىڭ بۇ 4 شىركىتى، ئىران ھەربىي قىسىملىرى ۋە يادرو قورال كېڭەيتكۈچىلەرنى ، يادرو قوراللىرىنى ياساشتا قوللىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت مەزكۇر شىركەتلەر يەنە ئىران ھەربىي قىسىملىرىنى ، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىمۇ تەمىنلىگەن. ئەمما، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇۋالار يوقىلىشقا يۈزلەندى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي تاغلىرىغا جايلاشقان قانسا كۆلى ئەتراپىدا ياشايدىغان تۈركىي خەلق تۇۋالار يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. نوپۇسى 2000 ئەتراپىدىكى بۇ خەلق ئۇزۇن مەزگىل رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى ھېسابلانغان تۇۋالاردىن ئايرىلىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن بارا-بارا يەرلىك قازاقلار بولۇپمۇ موڭغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى ھەتتا مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئەمما رۇسىيە فېدېراتىيىسىدە نوپۇسى 200 مىڭ ئەتراپىدا تۇۋالار ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئۆز ئاساسى قانۇنى، دۆلەت بايرىقى ھەم پرېزىدېنتىغا ئىگە. ئۇلاردا يوقىلىش خەۋپى مەۋجۇت ئەمەس.
ئالبانىيە ھۆكۈمىتى 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
6- ئاينىڭ 15- كۈنى ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇرنى باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا چىققان خەۋەرلەر توغرا ئەمەس. بۇ خەۋەرلەر ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ دەپ ئۇچۇر تارقاتتى.
ئالبانىيە ھۆكۈمىتى، ئالبانىيە دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ھەمدە خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن مەزكۇر كىشىلەرگە ياشاش شارائىتى يارىتىپ بەردى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئالبانىيىدە جەمىيەتكە ماسلىشىپ ياشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ دەپ بىلدۈرگەن.(ئۈمىدۋار)