2006.06.13
مۇھاكىمە ژورنىلىدا تيەنخۈي نامىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ «جۇڭگونىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ گىرەلەشكەن، تاشقى ۋەزىيىتى بولسا جىددىي ۋە خەتەرلىك» دەپ يەكۈن چىقىرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
يىغىن روھىنى يەتكۈزگەن ھەربىي قوماندانلار ۋە ئەدلىيە خەۋپسىزلىك، بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقلىرىنىڭ باشلىقلىرى 5 خىل دۈشمەن كۈچ ھەمدە ئۇلاردىن كېلىۋاتقان 10 تۈرلۈك خەۋپ ھەققىدە توختالغان. ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى مەزكۇر يىغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالدى.