2006.06.09
تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى
بۈگۈن، 2006 - يىلى 6 – ئاينىڭ 9 -كۈنى تۈركىيە، گېرمانىيە، كانادا، ئەنگىلىيە، نورۋىگىيە، گوللاندىيىلەردە ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىملارنى ›ساقچىلارغا ھەمكارلاشمىدى‹ دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىپ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. شۋېتىسىيىدە ۋە ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمىنىڭ بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغانلىقىغا دائىت پاكىتلىق ماتېرىياللارنى تارقاتتى.
رابىيە قادىر خانىم 1999 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ›دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخل-تەرۇز قىلدى‹ دېگەن بەدنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ 2000 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 8 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۈم قىلىنغان ئىدى. رابىيە خانىم 2005 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۈرمىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇ يېقىندا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى.
زارقاۋى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن دۇنيادا نېفىت باھاسى ئازراق تۆۋەنلىدى
ئەل قائىدە تەشكىلاتى ئىراق شۆبىسىنىڭ رەھبىرى ئابۇ مۇساب ئەل-زارقاۋى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا نېفىت بازىرىدا نېفىت باھاسى باك ئۆلچىمى بويىچە 70 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلىگەن. نيۇ-يوركتا 69 دوللار 35 سېنتقا چۈشكەن، لوندوندا 68 دوللار 42 سېنتقا چۈشكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زارقاۋى ئىراقتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، خىتايدىكى ›جوڭگو خەۋەر تورى‹ ئەل قائىدىنىڭ ئىراق شۆبىسى ئېلان قىلغان زارقاۋىينىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەسەبىلىكى تۇتقاندا قىلغان سۆزلىرىنى رەتلەپ بېسىپ تارقىتىش يولى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاسالانغاندا، ئابۇ مۇساب ئەل-زارقاۋى ئەڭ ۋەھشى تېررورچىلارنىڭ بىرى. 1980 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا، زارقاۋى ئوساما بىنلادىن بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلارنىڭ سوۋېت ئىتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، زارقاۋى ئىنئوردانىيىگە كەتكەن. 2001 - يىلى ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلىپ سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، زارقاۋى ئىراقتىكى سۈننىلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ شىيەلەرگە قارشى ھەرىكەتتە بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، ئىراق خەلقى سايلاپ چىققان ھۆكۈمەتكە، بىگۇناھ پۇقرالارغا قارشى پارتلىتىپ ئېلىپ بېرىش، ئىراقتىكى بىگۇناھ چەتئەللىكلەرنى گۈرۆگە ئېلىۋىلىش، ئۆلتۈرۈش قاتارلىق دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ كەلمەكتە. 2003 - يىلى تۈركىيىدە، ماراكەشتە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭمۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى كىشى ئابۇ مۇساب ئەل-زارقاۋى.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تېررورچىلار ھەققىدە ئاھاگلاندۇرۇش چىقاردى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىتايدا تۇرىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاھاگلاندۇرۇش بەرگەن.
ئاگاھلاندۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېرروئېچىلارنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلاردا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەنبەسى نامەلۇم ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ ئامېرىكا پۇقرالىرى خىتايدىن كېتىش ياكى بارماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە چۈشۈرۈلگەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرۇشتىنلا ئىبارەت‹. بۇلتۇر 9 - ئايدىمۇ خىتاي ساقچىلىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن ئىدى.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بېجىڭگە كېلىپ دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى
قىرغىزىستان قابار ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف 9 - ئىيۇن كۈنى بېيجىڭگە كېلىپ ئۆزىنىڭ دۆلەت زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇ بېيجىڭدە خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بىلەن كۆرۈشكەن. قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت قىزغىز -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېڭىچە مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاسالانغاندا، قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرىداشلىق، دوسلۇق مۇناسىۋىتىنى بۇرۇن تۈزۈلگەن 10 يىللىق كېلىشىم ئاساسىدا تېخىمۇ ياخشىلاشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتلىك.
خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بۇ قېتىمقى ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق، قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە سودا ئورگانلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، قەرز بېرىش تۈرلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاساسىدا 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەيدۇ.
شۋېتسىيە سوت مەھكىمىسى بىر جۇپ خىتاي جىنايەتچىگە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شۋېتسىيىنىڭ ستوكگولم شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئىيۇن كۈنى شۋېتسىيە سوت مەھكىمىسى ئىككى خىتاينى كىچىك بالا ئەتكەسلىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ تۈرمىگە ئالغان. بۇ ئىككى جىنايەتچى 2005 - يىلى 2 - ئايدىن 11 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا شۋېتسىيە ۋە نورۋىگىيىلەرگە 46 نەپەر خىتاي بالىسىنى يۆتكەپ كەلگەن. بۇ بالىلار خىتايدىن يولغا چىققاندا قولىغا 10 مىڭ شۋېتسىيە كرونورى، (يەنى 1350 ئامېرىكا دوللىرى ياكى 1075 ياۋرو) پۇل ۋە بىرىدن يانفون بېرىلگەن. ئۇلارغا ›ھەر قانداق جايدا ساقچىلار سورىسا بىز فالۇنگوڭچىلار، سىياسىي پانالىق تىلىگىلى كەلدۇق‹ دەڭلار دەپ ئۆگەتكەن. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن شۋېتسىيىگە سىياسىي پانالىق تېلىگەن كىچىك بالىلارنىڭ سانى 96 گە يەتكەن. توي قىلماي بىللە تۇرىۋاتقان بۇ بىر جۇپ جىنايەتچىنىڭ بىرى 44 ياشلىق ئەر، يەنە بىرى 31 ياشلىق ئايال. شۋېتسىيە سوت مەھكىمىسى ئۇلارغا 2 يىل 3 ئايلىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. (ۋەلى)