2006.06.09
دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك خىتايغا قارىشى نامايىشلار
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر 28-ماي كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلىنىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش ۋە تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرىنى قوزغىدى.
شىتابى گېرمانىيىگە جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە چاقىرغان ئىدى.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوخشاش بىر كۈندە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ، نورۋىگىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان.
نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ نامايىش ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيىنىڭ ئىستامبۇل شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
9-ئىيۇن كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
خىتايغا قارشى ئىنكاسلار ۋە نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە
رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قالماستىن بەلكى خەلقئارادىكى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي مۇئامىلە قوللىنىشى ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدىن رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رابىيە قادىرغا 2004-يىللىق رافتو مۇكاپاتى بەرگەن نورۋېگىيىدىكى رافتو فوندى جەمىيىتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق ئىنكاسىنى قايتۇرۇپ، بايانات ئېلان قىلدى.
رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ مەسىلىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە قەشقەر ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسىنىڭ مەسۇلى ت .كۇمار ئەپەندى خىتاينىڭ رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قىلغان بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇنى» رابىيە قادىرنىڭ شىنجاڭغا ئىنسان ھوقۇقى ئېلىپ كېلىش ھەرىكىتىنى توسىغانلىق» دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرغا قاراتقان بۇ ھۇجۇملىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىنتىقام ئېلىش تۈسىنى ئالغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە رابىيە قادىر خانىمدىن ھال سورىغان.
خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا تەييارلىق قىلماقتا
6-ئاينىڭ 15-كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى شاڭخەي شەھىرىگە جەم بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي جىددىي يىغىن تەييارلىقى ئېلىپ بارماقتا.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى جاڭدېگۇئاڭ ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەسۇللىرى شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ باشقا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ھازىر قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا بىشكەكتىكى ئامېرىكا بازىسىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلدى
9-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بېيجىڭ زىيارىتىنى باشلىدى. پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ قاتارلىقلار بىلەن خىتاي-قىرغىزىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. خىتاي ۋە قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئىككى مەملىكەت دوستلۇقى ھەم ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويدى.
ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ مۇھىم تېما بولۇپ، خىتاينىڭ ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدىن تارتىپ قىرغىزىستاندىن تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە مىللىي بۆلگۈنچىلىك. تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى كۈرەش قىلىش نامى بىلەن خىتاي بىلەن بىرلىشىپ زەربە بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى قىرغىزىستاندىكى مارت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى تۇنجى خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ موسكۋانى زىيارەت قىلغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)