2006.06.08
ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيانىڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا كىرىشكە باشلىدى. بەزى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇيگۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيگۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى ۋە گۇانتامانادىكى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئۇيگۇر داۋاسىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ بۇ تەمىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.