2006.06.05
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئالغان ۋە نەزەربەند قىلغاندىن كېيىن، ئانن پېتېرسون خانىم باشچىقىلىدىكى نورۋىگىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى يەكشەنبە كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۇچرىشىپ،» شىنجاڭدا مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلماقتا «، دەپ كۆرسەتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نورۋىگىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلىش پىلانى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە نەزەربەند قىلىنىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىدىن تۇيغان ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزمەكچى بولۇپ بارغان. رابىيە قادىر نورۋىگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ 2004 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەرباپلارنىڭ بىرى. ئۇ، 2005 – يىلى نورۋىگىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىگە يوللىغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى نورۋىگىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كېلىش مەقسىدىنى تىلغا ئالمىدى. پەقەت نورۋىگىيە ۋەكىللىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق ئۆمىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نۇر بەكرى ۋەكىللەرگە » شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى ئاساسىي قانۇننىڭ كاپالىتى ئاستىدا باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمان بولماقتا » دەيدۇ.
لېكىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، شىنجاڭنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن خىتاي كۆچمەنلىرى بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. (ئەركىن)