2006.06.01

ياۋرۇپا پارلامېنتى 31 ‏- ماي كۈنى، برۇكسېلدا، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك دېگەن تېمىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپلىقىنىڭ 1 ‏- ئىيۇن بەرگەن خەۋىردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ۋە تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامامۇ قاتناشقان بولۇپ، مەزكۈر يىغىندا ئەركىن ئالپتېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ 55 يىلىدىن بېرى، يالغۇز دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

ئەركىن ئالپتېكىن يىغىنغا قاتناشقان ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرىگە باشقا مۇخبىر ۋە ۋەكىللەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان يازما ماتېرىياللارنى تارقاتقان.

ياۋرۇپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىغا يەنە، تىبەت ، فالوڭگۇڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)