2006.05.31

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان پەيتتە، ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 3 پەرزەنتىنى ئۆيدە نازارەتكە ئالغان.

خىتاي ساقچىلىرى 30‏ – ماي كۈنى كەچ سائەت 6 : 00 لەردە رابىيە قادىرنىڭ ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ۋە روشەنگۈل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك قىزىنى نەنگۈەن ساقچى پونكىتىغا سولىۋېلىپ، بىر قانچە سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېلىپ نەزەربەند قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى » ئەگەر ئۇلار دەرھال قويۇپ بېرىلمىسە، زىيارەت سەپىرىنى يېرىم يولدا توختىتىمىز » دەپ ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆمىكىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

رابىيە قادىر 1999 – يىلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان ۋە 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى » چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن» دەپ ئەيىبلىگەن. (پەرىدە)