2006.05.26
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر زىيارەت ئۆمىكى پات يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا، دەپ قارالغان بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى نەق مەيداندىن كۆزەتمەكچى.
ئەگەر زىيارەت ئۆمىكىنىڭ سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولسا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشى ياكى ئالاقىدار دائىرىلەر ھازىرغىچە زىيارەت سەپىرىنىڭ كۈنتەرتىپى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زىيارەت ئۆمىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ، دەپ قارالغان بەزى ھەرىكەتلىرىنى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشقا ئۇچرىغان ۋە ئائىلە – تاۋاباتى بىلەن جەم بولۇش ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنمىغان بەزى كونكرېت شەخسلەر ۋە سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ئەمەس.
دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر زىيارەت ئۆمىكى 1999 – يىلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر بىلەن ئۇچراشماقچى بولغاندا خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنى قولغا ئالغان ۋە 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. رابىيە قادىر ئۆتكەن يىلى 3 – ئايدا جازا مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يولغا سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سىياسى قانۇن ئىشلىرىغا جاۋابكار مۇئاۋىن سېكرىتارى جاڭ شيۇمىڭ، رابىيە قادىر مەسىلىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قاچان يولغا چىقىدىغانلىقى تېخى ئېلان قىلىنمىدى، لېكىن ئۇلار بۇ سەپىرىدە قەشقەرغىچە بېرىشى مۇمكىن. (ئەركىن)