2006.05.26

ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24-ماي كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا، ئامېرىكا «جۇڭگونىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرەت بىلەن كېڭەيتىش، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە قورال – ياراقلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىش پىلانى خىتاينى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن»، دەپ ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بەزى ئەمەلدارلار، بۇ يىلقى خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سانى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 35 مىليارد دوللاردىن 2 – 3 ھەسسە كۆپ، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 70 مىليارد دوللاردىن 105 مىليارد دوللارغىچە يېتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ «ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن بىرگە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە زىيان كەلتۈردى» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 23-ماي كۈنى دىنىي ئەركىنلىك، دىنىي باراۋەرلىك ۋە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىنغان كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ئوخشىمىغان دىنلارغا تەۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئورگانلار ۋە شەخسلەر قاتناشتى.

مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەركىزى ۋە قوشما شىتاتلار خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە، ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتى ۋە رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئورگان ۋە جەمىيەت ساھىپخانلىق قىلدى.

مەزكۇر يىغىنغا خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 25-ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىدىن بۇ يىل ئاپرېلدا قولغا ئېلىنغان ھۈسەيىنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئورۇن قىرغىزىستان دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتى بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى ھۈسەيىنجان جېلىلغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە .

تۈركىيىدىمۇ نامايىش يۈز بەردى

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى 100 دەك كىشىگە باشلامچىلىق قىلىپ، 5‏-ئاينىڭ 23‏- كۈنى، ئەنقەرەدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى ھەم ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ مەسۇللىرىدىن بىرى سېيىت تۈمتۈرك ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھېسابلىدىنىدىغان ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىگە زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ۋە ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرىنى يۇقىرىدا نامى ئاتالغان دۆلەتلەر ئەلچىلىرىگە يەتكۈزدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلدى

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق شۆبىلىرى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا 2006 ‏- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل تارمىقىنىڭ مۇدىرى مارك ئاللىسون «بىر قىسىم دۆلەتلەر تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش شۇنىڭدەك بىخەتەرلىكنى قوغداش باھانىسىدا كىشىلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش شۇئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە » دەپ كۆرسەتتى.

ئاللىسون سۆزىدە يەنە» دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، نۆۋەتتە پۈتۈن دۆلەتلەر دىققىتىنى تېررورچىلىققا زەربە بېرىشكە مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ بەزىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە، بولۇپمۇ نېپال، ئافغانىستان بىرما ۋە خىتاي قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە مۇشۇ خىل مەسىلىلەر كۆرۈلدى» دېدى.

دولان مۇقامى ۋيېنادا ياڭرىماقچى

ئۇيغۇرلارنىڭ دولان مۇقامى بۇ يىل 11 ‏- ئايدا دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكا سارىيى بولغان ئاۋسترىيىنىڭ ۋيېنا شەھىرىدىكى ئالتۇن تېياتىرخانىسىدا كۆرسىتىلمەكچى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ دولان مۇقامىنى كۆرسىتىشكە بارىدىغانلار ئاۋاتتىكى يەرلىك خەلقلەردىن تەشكىللەنگەن دولان مۇقام ئانسامبىلى بولۇپ، بۇ ئانسامبىل 2001‏-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭغا 106 كىشى ئەزا بولۇپ، ئۇلار 13 ياشتىن 78 ياشقىچە بولغان خەلق سەنەتكارلىرى ئىكەن. ۋېنادىكى سەنئەت كېچىلىكىگە بۇ ئۆمەكتىكى ئون نەچچە ياشانغان ئارتىست بېرىپ قاتنىشىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان خەلقئارالىق ئەنئەنىۋى سەنئەت ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامى قاتارلىق مىللىي مۇزىكىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە (ئۈمىدۋار)