2006.05.12

ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى تەبرىكلەپ مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن سىياسىي كېڭەشنىڭ رولى ھەم ئەھمىيىتىگە باھا بېرىپ «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە باشقىلار باسالمايدىغان مۇھىم رول ئويناپ كەلدى» دېگەن.

بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا سىياسىي كېڭەش دېگەن بۇ ئورۇننىڭ خەلقنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرى، يەنى 1987 – يىلىدىن 1997 – يىلىغىچە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائال ھەركەت قىلىۋاتقان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ سىياسىي كېڭەش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.