2006.05.11
10- ماي كۈنى تاڭ سەھەر ئۈرۈمچىدىكى خۇالىڭ ئاليومىن ماتېرىياللىرى سودا بازىرىغا ئوت كېتىپ، 24 دۇكان كۆيۈپ كەتكەن.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 50 نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى 4 سائەتكە يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران بۇ ئوتنى ئۆچۈرگەن. ئوت ئاپىتىن كېلىپ چىققان قويۇق ئىس-تۈتەكلەر سەۋەبىدىن، بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان نەچچە مىڭ ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە بۇ ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن خۇالىڭ سودا سارىيىدا تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەر بولغاچقا، ئۇلار شۇ تىجارەت ئورنىدا يېتىپ قوپىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى 20- ئاپرىل كۈنى ئېغىر ئوت ئاپىتى خەۋپى ساقلانغان ئورۇنلار قارا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن خۇالىڭ سودا بازىرى بۇ تىزىملىكتە يوق ئىدى. ئەمما بۇ قارا تىزىملىككە رابىيە قادىر سودا سارىيى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئوت ئاپىتى خەۋپى بولغان ئورۇنلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ تىزىملىككە رابىيە قادىر سودا سارىيىنى كىرگۈزۈشىدە سىياسىي مۇددىئا بارلىقىنى كۆرسەتتى. (پەرىدە)