2006.05.05
رابىيە قادىر لاۋگەي فوندى جەمىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەردى
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى جۇڭگو لاۋگەي فوندى جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي تۈرمە سىستېمىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىغا تۇتىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ دەسلەپتە خىتاي سىياسى سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇنىڭغا يول قويمىغان. ئۇ خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ تۈرمىدە كۆرگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ ئۆتتى. يىغىندا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار خاتىرە فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى لېي ئېدۋاردسا، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ستون يازغۇچىسى ئاننې ئاپېلبائۇم، لاۋگەي فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىس خاررىي ۋۇ، ئامېرىكا مەملىكەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى كارىل گرىشمان قاتارلىق سىياسەتچىلەر ، مۇتەخەسسىس ۋە جامائەت ئەربابلىرى سۆز قىلدى.
تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئۆتكەن ھەپتىدە بىر كۈندە 3 ئۇنىۋېرسىتېتتا شەرقىي تۈركسىتاننى تونۇتۇش يىغىنى ئېچىشتەك پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ يىغىن تۈركىيىدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. قەيسىرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى، كونيا سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
5- ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، چەتـئەللىكلەر مەجلىسى ۋە باۋارىيە سىياسىي پاناھلىق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنىڭ مەقسىتى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغانلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلەتمەك ئىكەن. نامايىشقا گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر قاتناشقان.
ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا زىيان بەدىلىگە خەلقنىڭ رايىغا قايتتى
يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئاتاقلىق ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ «دۆڭ كۆۋرۈكتىكى پاراڭلار» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسى سېتىلىش ئالدىدا ،مەزكۇر پىلاستىنكىغا كىرگۈزۈلگەن » ئەركىن پالۋان» ناخشىسى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ غۇل-غۇلىسىنى قوزغىدى. ئەركىن ئابدۇللا بۇ ناخشىنى سادىر پالۋان ناخشىسى ئاساسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئىنتېرنەت تور بەتلىرىدە پىكىر ئېلان قىلىپ، ئەركىن ئابدۇللانى «مىللىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلمىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ئەمما، ئەركىن ئابدۇللا ئۆزىنىڭ مەقسىتىنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە مىللىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ يەنە تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، 200 مىڭ يۇئەن ئەتراپىدا زىيان تارتىش بەدىلىگە ،بازارغا سېلىنىش ئالدىدىكى پىلاستىنكىسىنى قايتا تەييارلىماقچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 3- ماي كۈنى 2006- يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزدى. مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلىمۇ بۇ تىزىملىكتە بولغان خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى دىنىي جەمىيەتلەرنى كۈچلۈك كونترول قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، رىم كاتولىكلىرى ۋە فالۇڭوڭچىلارنى تۈرمىگە تاشلاپ ۋە ئۇلارنى قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنى ۋە تالىبلىرىنى بەزى ئاتالمىش قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئالغان. ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي تەربىيە مەركەزلىرىنى پىچەتلىگەن ۋە ساقچىلار زور مىقداردىكى قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغان». مەزكۇر كومىتېت چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەر» قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە چاقىردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش سىياسىتىنىڭ نىشانى بولۇپمۇ تىزىمغا ئالدۇرمىغان يەر ئاستى قانۇنسىز دىنىي گۇرۇھلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن كومىتېت كومىسسارى رىچارد لاند، جۇڭگونى ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. رىچارد لاند، «كومىتېتىمىز جۇڭگونى 1999 – يىلدىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پەۋقۇلاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە كومىتېتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاينى پەۋقۇلاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ » دەپ كۆرسەتتى.
ۋاتىكان خىتاينىڭ خالىغانچە ئېپىسكوپ بەلگىلەش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى
رىم پاپاسى پەيشەنبە كۈنى «خىتاينىڭ ۋاتىكاننىڭ رۇخسىتىسىز، يېڭى ئېپىسكوپ سايلاش قىلمىشى، دىنىي ئەركىنلىككە ناھايىتى خىلاپ ھەرىكەت» دەپ بىلدۈردى. ۋاتىكان خىتاي تەيىنلىگەن بۇ ئىككى پوپنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا 10 مىليون كاتولىك مۇرىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى خىتاي ۋەتەن سۆيەر كاتولىك دىنىي تەشكىلاتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشسا، يەنە بىر قىسىملىرى ۋاتىكان بىلەن ئالاقىسى بولغان يەر ئاستى كاتولىك تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.(ئۈمىدۋار)