2006.05.05
يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدىكى دۆلەت ۋە شەخسى تېلېۋىزيە قاناللىرى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، خىتاينىڭ مەسىلىلىرى ۋە كېلەچىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس پروگراملارنى كۆپلەپ ئىشلىمەكتە. تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، تۈركىيىدە تونۇلغان ئۇيغۇر ستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن بۇ مۇلاھىزە پروگراملىرىغا قاتنىشىپ سۆز قىلماقتا.
تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزيە قاناللىرىنىڭ خىتايغا شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن بۇيان بۇنچىلىۋالا قىزىقىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟