2006.05.04

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتى بىلەن ئاۋىسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتى يېقىندا ئۈرۈمچىدە، پىلانلىق تۇغۇت،كۆپىيىش ساغلاملىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا غەربىي رايونىدىكى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىنى قوغداش تۈرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىدى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىنى قوغداش تۈرى ھەر دەرىجىلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇش تارماقلىرى، مۇلازىمەتچىلىرى ۋە كەڭ ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئېڭى ۋە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان دېيىلگەن بولۇپ،، بۇ، تۈر 2005 ‏-يىلى 1 ‏-ئايدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇل، يۈننەن، جياڭشى، نىڭشا قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا يولغا قويۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، يىغىندا دېيىلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھېچقاچان يولغا قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىغاندىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلىكى بىر قەدەر ئاشقانلىقىنى، بىراق ئاۋىسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولمىغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى تەيىنلىگەن پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ئارقىلىق دوكلات تەييارلاپ، ئاۋىسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ كۆزىنى بۇياشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، مەزكۈر قۇرۇلۇش بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت، كۆپىيىش ساغلاملىقى خىزمىتىنىڭ ھېچقاچان توغرا ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، بەزى يېزىلاردا تىببىي ساھەدىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدىن پىلانلىق تۇغۇت ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)