2006.05.02
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، مەملىكەت بويىچە خەلقنى بىر ھەپتە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىپ، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئائىت نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرگە يەنىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھاشار ئەمگىكى بايرامدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھېچقاچان توختاپ قالمىغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ 1 - ماي مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.