2006.05.01
خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېچىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئەمەلىيەت» ژورنىلى مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەر يارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت يېزىلاردا بىر بالىسى ياكى ئىككى قىزى بار ئائىلىلەرگە يىلىدا 1200 يۈئەن مۇكاپات پۇلى بېرىدىكەن. جاڭ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ھەم مۇكاپاتلاش ھەم جازالاش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولۇپمۇ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈزگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىسە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دەپ ئاتالغان، رابىيە قادىر خانىم، 18 - ۋە 19 - ئاپرىل كۈنلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي يۆتكەش، يەنە بىر تەرەپتىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدا ئازسانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسىمى دەپ كۆرسەتكەن رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)