2006.04.23
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، 22-ئاپرىل كۈنى چۈشتىن كېيىن، نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە،نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن،»ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى. ئاندىن كېيىن مۇشۇ مەزمۇنلار ئاساسىدا تەييارلانغان فىلىم كۆرسىتىلدى ۋە كۆپچىلىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىل تاپقان سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا ئۇسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغان ھەم بىر قىسىم ھەۋەسكارلار ئۆز شېئىرلىرىن دىكلاماتسىيە قىلغان.
نورۋېگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەدەنىيەت كۈنىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبىرىي ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاخىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك تەركىبى سايلاپ چىقىلىپ، ئابدۇسەمەت ئەپەندى رەئىسلىككە تەيىنلىگەن.
مەزكۇر پائالىيەتكە نورۋېگىيىلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. نورۋېگىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2004-يىللىق رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن رافتو فوندى جەمئىيىتى مەزكۇر دۆلەتكە جايلاشقان ئىدى.(ئۈمىدۋار)