2006.04.21

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يەنە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىپ پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشۈشۈشى ھارپىسىدا يەنى 18- 19-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى ۋە باشقا بىر قاتار قاتتىق قول سىياسىتىنى پاش قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

19-ئاپرىلدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇ كۈنكى يىغىندا ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى گۇتمان ئېتان، كاردىنال كۇڭ فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى جوسېف كۇڭ، لاۋگەي فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى خارري ۋۇ قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپات بېرىش ئەھۋالى ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق «C-SPAN» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن ئۇدا ئىككى كۈن تولۇق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلىشى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 20-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا ئىككى دۆلەت رەھبىرى سۆز قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

پرېزىدېنت بۇش قارشى ئېلىش نۇقتىدا بىر قاتار مەسىلىلەردىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى؛

«خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجە قازىنىشى خىتاي خەلقىنىڭ سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئەركىنلىككە چىققانلىقىدىن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىغە ئەركىن ھالدا بىر يەرگە يىغىلىش، ئۆز ئوي -پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلىش، ئۆز ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلەش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بەرسە، ئۇنداقتا خىتاي تېخىمۇ زور غەلىبىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ » خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاقساراي ئالدىدا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇ پەقەت » بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۆز‏ – ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈمىز» دەپ بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاقساراي ئالدىدا قىلغان سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ » تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئۇنى خىتايدىن ئايرىۋىتىشىگە يول قويمايمىز» دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى » نى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ «بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا، مەيلى قايسى تەرەپ بولسۇن، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىمىز. بىز تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپنى ئۆز ئارا توقۇنۇشماسلىققا، قارشىلىشىپ قالماسلىققا ئۈندەيمىز. بىز تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ بولۇشىغا ئىشىنىمىز» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي رەئىسى سۆزلەۋاتقاندا ئاق ساراينىڭ چىمەنلىكىدە نەق مەيداننى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان مۇخبىرلار قاتارىدىكى «ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ ۋېنيى ئىسىملىك ئايال بىردىنلا «پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋنى ئاق سارايدىن قوغلاپ چاقىرىڭ!، خۇ جىنتاۋ سېنىڭ كۈنۈڭ ئاز قالدى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتكەندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. خۇ جىنتاۋنىڭ ئاق ساراي زىيارىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەۋەنلىكلەر ۋە فالۇڭوڭچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى.

خۇ جىنتاۋنىڭ جورجى بۇش بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

قازاقىستاندا ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ تۇغۇلغانلىقى خاتىرىلەندى

قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى جۈملىدىن شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى خاتىرىلەندى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، مەرىپەتپەرۋەرلىرى، ھەم جامائەت ئەربابلىرى ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر پائالىيەت ئالدى بىلەن ئۆمەر مۇھەممەدىنىڭ قەبرىسىدە خەتمە-قۇران قىلىش بىلەن باشلاندى.ئۇنىڭغا بېغىشلاپ، مۇھاكىمە ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆمەر مۇھەممىدى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا تاشكەنت، ئالمۇتا ۋە ياركەنت قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇش جەريانىدا » ئۆمەر ئۆلدى»،» ئېغىر كۈنلەردە» قاتارلىق كۆپلىگەن نادىر شېئىرلار ھەم ھېكايىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى دەۋرداشلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭى ئەۋلاد شائىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۆمەر مۇھەممىدى 20 نەچچە يېشىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپ، بۇ دۇنيادىن كەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نامى ۋە ئەسەرلىرى تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ياشىماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق خەت يازغان

ئۆتكەن ھەپتىدە ئېلان قىلىنغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوچۇق خېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 ‏- يىلى » ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئېچىلىشى خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىلگىرىلىشىگە بەكمۇ پايدىلىق» دەپ تۇرۇپ 2008 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئېچىلىش ھوقوقۇقىغا ئىگە بولغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىنلا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ھېچبىر ئەھمىيەت بەرمىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈندىن ‏- كۈڭە ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ خەت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

خەلقئارا بازارلاردا خام نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتتى

ئىران يادرو كرىزىسىنىڭ كۈندىن – كۈنگە جىددىيلىشىشى نەتىجىسىدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردىن بولغان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدە نېفىت باھاسى تۇنجى قېتىم تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. ھازىر لوندوندا ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 70.20 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. نيۇيوركتا بولسا بىر باك خام نېفىتنىڭ باھاسى 70.75 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇرۇنقى باھادىن 1 دوللار ئارتقان، يەنى خام نېفىت ئۆتكەن ئايدىكىدىن 16 % ئاشقان بولۇپ، مۈتەخەسسىسىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە 68 مىليارد توننىلىق چوڭ كۆمۈرلۈك بايقالدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كۆمۈرلۈكتە 68 مىليارد 500 مىليون توننىلىق كۆمۈر بايلىقى بايقالدى. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈرلۈككە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ھازىر خىتاي كان مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلىۋاتقان نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپاسلىرىنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ بايلىقنى تېز ئېچىش تەكلىپلىرىنى بەرمەكتە.(ئۈمىدۋار)