2006.04.18

rabiye-guwahliq.jpg
رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا. RFA

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان 4 كۈنلىك زىيارىتى باشلانغان سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.

يىغىندا خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا » ئۆزىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ھوقۇقىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشى تراگېدىيىلىك ئاقىۋەتكە دۇچ كەلمەكتە » دېدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى توغرىسىدا سۆز ئېچىشنىڭ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، » بولۇپمۇ 11 – سىنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى تېخىمۇ قەبىھ تۈس ئالدى» دەيدۇ.

رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا داۋاملىق ئۆلۈم جازاسى بەرمەكتە. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسمايىل سەمەتكە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تاياق زەربىسىدىن تۈرمىلەردە ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەزى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتى تراگېدىيىلىك تۈس ئالغان . ئۇ، » مىڭلىغان ئۇيغۇر ئانىلار، قوساقتىكى 7 – 8 ئايلىق ھەتتا 9 ئايلىق ئۇيغۇر بوۋاقلار تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا » دېدى.

رابىيە قادىر، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەندە ياشايدىغان ئائىلە – تاۋاباتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەتتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى ۋە گۇۋاھلىق بەردى. (ئەركىن)