2006.04.17

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋي ئانىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم،4‏- ئاينىڭ 18‏- ۋە 19‏- كۈنلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گۋۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنىغا قاتنىشىدۇ.

4‏- ئاينىڭ 18‏- كۈنىدىكى يېغىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى تام لەنتوس ۋە فرانك ۋولف تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان . 4‏-ئاينىڭ 19 ‏- كۈنىدىكى يېغىن بولسا, ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئافرىقا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ھەرىكەت شۈبە كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، رابىيە خانىم بۇ يېغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھانرى ھايد تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ، ياخشىلانغان ۋە ناچارلاشقان تەرەپلىرى، دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنىنىڭ مەقسىتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېغىندا بولۇپمۇ، پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ، ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى، مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللىقىنى كۈچەيتكەنلىكى مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم، يېغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيىدىن بۈگۈن ئامېرىكىغا كەلدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇنداق بىر يېغىن ئۇيۇشتۇرغانلىقىدىن ناھايىتى خورسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن رابىيەخانىم، گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنىدا بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسى ۋە تەن جازاسى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)