2006.04.13

ھۆسەيىنجان قارىمنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ھۆسەيىنجان قارىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت باشلىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق كانادا باش ئەلچىسىگە خەت يېزىپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن ھۆسەيىنجان قارىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. رابىيە خانىم كانادا باش ئەلچىسىگە يازغان خېىتىدە، ئۇيغۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئەگەر ھۆسەينجان قارىم ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنىڭ قانداق دەھشەتلىك بىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق كانادا باش ئەلچىسىگە خەت يېزىپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن ھۆسەيىنجان قارىم مەسىلسىگە ناھايىتى جىددىي قارىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ھەم ۋاشنگتوندا تۇرۇشلۇق كانادا باش ئەلچىسىگە ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مۇراجەت قىلىپ،ئۇلاردىن ھۆسەيىنجان قارىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولۇپمۇ مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ ھۆسەيىنجان قارىمنىڭ مەسىلىسىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۆۋاتىدۇ.

ھۆسەيىنجان قارىم كانادا پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق قىسمى كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى، ھۆسەيىنجان قارىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. (ئۆمەر قانات)