2006.04.10
دۇنيادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس ئىسمايىل سەمەت توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، كۆپچىلىكنى خىتايدىكى مۇناسۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىسمايىلغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇقتۇرۇشىدا، كۆپچىلىكنىڭ جىددىي تۇتۇش قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىرىغا، ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەنگە ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا بۇ ھەقتە ئىلتىماس سۇنۇشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر تەشكىلات ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، كۆپچىلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىسمايىل ئەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشىنى ھەتتا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقئارا ئۆلچەمگە توشقان شەكىلدە قايتا سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدى. شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنىدىغان خېتىدە يەنە ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2003- يىلى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئسمايىل قارى يەنى ئىلھام دەپ تونۇلغان ئىسمايىل سەمەتنى، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. لېكىن ئىسمايىل سەمەت سوتتا ئۆزىگە قارىتىلغان پۈتۈن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.