2006.03.22
3- ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىنىڭ ئىچىلىشىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توم لەنتوس ئەپەندى «بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزۈل-كىسىل ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز»، دېگەن.
توم لەنتوسقا ئوخشاش ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان بىر سىياسىي ئەرباپنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدە قانداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى؟ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تام لەنتوسنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى نېمىنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ؟ رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟