2006.03.21
3- ئاينىڭ 14 – كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە» ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ساقچىلىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوغلى ئابلىكىمنى ئىككى كۈن ساقچى ئىدارىسىغا سولىۋالغان.
«ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەدەنىيەت كېچىلىكىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام لانتوس «بىز سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلاردىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلماقتىمىز. بىز سىلەرنىڭ تولۇق ئەركىنلىكىڭلار ۋە مۇستەقىللىقىڭلارنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېگەن ئىدى.
ساقچىلار ئابلىكىمنى «مەدەنىيەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدى -كەينىدە ئېلىپ كەتكەن ۋە ئىككى كۈن سوراق قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.
ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئابلىكىمنى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، رابىيە قادىرغا ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۇ «خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا كىشىلەرنى نامايىشقا ئۇيۇشتۇرمىسا ۋە جۇڭگوغا قارشى ھەرىكىتىنى توختاتسا، ئۇنىڭ مال مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرگە سىلەرنىڭ سوداڭلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز،» دەپ تەھدىت سالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 3 – ئايدا رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېتىشىگە يول قويغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 5 – ئايدا » ئەقىدە سودا شىركىتى» نىڭ مال مۈلكى ۋە ھۆججەتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.
2005 - يىلى 10 – ئايدا ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە قادىرنى باج ئوغرىلىدى ۋە «تېررورچىلار» بىلەن تىل بىرىكتۈردى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئون نەچچە قېتىم باج تاپشۇرۇش ئىلغارى بولۇپ مۇكاپاتلانغان ئىكەن. (ئەركىن)