2006.03.17
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 5 يېرىمدىن توققۇزغىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كانان ئىش بىناسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.
رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر پائالىيەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.