2006.03.16

بىزنىڭ بۇ قىزلىرىمىز ئۇسۇل ئويناۋاتمايدۇ، بۇلار جەڭ قىلىۋاتىدۇ، بۇلار خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بۇلار ناخشا ئېيتمايۋاتىدۇ، بۇلار ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا توۋلاۋاتىدۇ، بۇلار ھەر بىر تېكىستلىرى بىلەن، ھەر بىر سۆزلىرى بىلەن، ھەر بىر ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەم ھەر بىر كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئازادلىق ئارزۇسىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. مەن بۇ سەنئەتكارلارنى جەڭگە كىرگەن جەڭچىلىرىم دەپ قارايمەن.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 5 يېرىمدىن توققۇزغىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى باش بولۇپ تەشكىللىگەن. بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى توم لانتوس، فرانك ۋولف ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام خاركىنلار كاپالەتلىك قىلغان. ئۇلار مەجلىس ئەزالىرىغا يازغان بىرلەشمە مۇراجەتنامىسىدە، » خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەر بولغان ئۇيغۇرلار تىبەتلەرگە ئوخشاشلا، ئۇزۇندىن بېرى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە دۇچ كەلگەن مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا » دەپ كۆرسەتكەن.
يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن بىرى شۇنىڭدەك دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى، سابىق ئامېرىكا مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى لورن كراينېر ئەپەندى ھەمدە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. توم لانتوس ۋە لورن كراينېر قاتارلىقلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ھەمدە رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم كۆرسىتىپ كەلگەن.
مۇراسىم جەريانىدا قازاقىستاننىڭ يەركەنت شەھىرىدىن كەلگەن «ياركەنت بۇبۇللىرى» گۇرۇپپىسىنىڭ ئارتىستلىرى، ناخشىچى كۈرەش كۈسەن ۋە سۇلتان مەمەتوپ قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ھەم ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى شۇنداقلا ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىدى. زالدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغا جۈر بولغان قاينام –تاشقىنلىق مەنزىرە ئەۋجى ئالدى ھەتتا سابىق ئامېرىكا مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورن كراينېر ۋە ئۇنىڭ ئايالى شۇنىڭدەك باشقا ئامېرىكىلىق مېھمانلارمۇ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلغا چۈشۈشتى.
ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنى رەت قىلغان شۇنىڭدەك پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. نەتىجىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بۇ پائالىيەتنى توختىتىپ قويۇش غەرىزى مەغلۇپ بولغان.
پائالىيەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. (ئۈمىدۋار)