2006.03.09

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 10 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 ‏- ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن مەزكۈر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى، پەقەت ئىتتىپاقلاشسىلا چوقۇم تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ» دېدى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 9 ‏- مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، ۋېن جياباۋ يەنە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ مۇھاكىمىسىگە بىۋاستە قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەھبەر قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئابدىرشىت قاتارلىقلارنىڭ «11 ‏- بەش يىللىق پىلانى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغان.

ۋېن جيا باۋ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پايدىلانغىلى بولىدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېچىش، مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ خىل سىياسىتى ئۈستىدىن ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدىنىڭ 1 % نىمۇ شۇ يەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن سەرپ قىلمايدىكەن. ۋېن جيا باۋنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش پىكىرىنىڭ ماھىيىتى بولسا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىپ، مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پەقەت ئىسمى ئۇيغۇر ، ئەمەليەتتە خىتايغا ئايلاندۇرۇش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ خەلق ۋەكىلى بولۇپ، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)