خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلىماقچى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا مەزكۇر ئورگان مەخسۇس تۈردە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر مەسىلە بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلاشماقتا ئىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋېتىلدى.
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرى تاغ رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 20 نەپەر ئەزاسى لاياقەتسىز باھالىنىپ، ئۇلارنىڭ 14 ئىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ھەمدە 6 سى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى خىتايدا قارىماققا سايلام ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي سايلام مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۆز باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پەقەت «يالغان سۆزلەر، پارتىيىنى ماختاشقا» كۆنگەنلىكى، لېكىن بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئوز مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ، راستچىللىق قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى ئەڭ چوڭ ھەربىي تەھدىد دەپ قارىدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-فېۋرال كۈنى دۆلەت مۇداپىئە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي رەقىبى دەپ ئېلان قىلدى.
بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ 1996-يىلىدىن ئېتىبارەن مەخپىي ھالدا ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ھەربىي خىراجەتنى يىلدىن –يىلغا ئاشۇرغانلىقى ھەم باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى تۆت يىلدا بىر چىقىرىلغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىقى 2001-يىلى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا ئاساسلىق ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدىكى ھەربىي جەھەتتە دۇچ كېلىدىغان تەھدىد مەسىلىلىرى يارىتىلىدۇ.
مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھەجۋىلەشتۈرۈش قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا
دانىيە، فرانسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى بەزى نەشىرىياتلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەجۋىلەشتۈرۈپ كارتون سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغالدى. ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن نامايىش ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، بەش ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قېتىمقى قاتتىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا دىنىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا دەۋەت قىلماقتا، 9-فېۋرال كۈنى ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننانمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەيدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە زەربە بولىدىغان بۇنداق قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئافغانىستان ساقچىلىرى 46 خىتاي پاھىشىسىنى تۇتىۋالدى
يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، كابۇل قاتارلىق جايلاردا خىتايلار سودا نۇقتىلىرى ھەم رېستۇرانلارنى ئېچىشقا باشلىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئورۇنلاردا پاھىشىلىك تىجارەتلىرىنىمۇ يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، بىر قېتىملىق تازىلاش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە 46 نەپەر خىتاي پاھىشە ئايالنى قولغا ئالغان. ئۆتكەن يىلىمۇ 5 نەپەر خىتاي پاھىشە ئايال قولغا ئېلىنىپ، يېرىم يىل تۈرمىگە سولانغاندىن كېيىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. ئافغانىستان ھاراق –شاراپ ئىچىش، پاھىشىلىك قىلىش قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارغا قاتتىق چەك قويىدىغان ئىسلام مەملىكىتى بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان بولمىغان چەتئەللىكلەر ئاچقان رېستورانلارنىڭ ھاراق سېتىشىغا يول قويۇلغان ئىكەن.
قىرغىزىستاندا تۇڭگانلار بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
5-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقتىكى ئىسكىرا دەپ ئاتالغان بىر يېزىدا تۇڭگانلار بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىپ، بىر قانچە ئادەم يارىلانغان ۋە بىر قىسىم ماشىنىلار كۆيدۈرۈلگەن، ئۆي-ئىمارەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىنگەن. بىلدۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ۋەقە ئىككى تۇڭگان ياشنىڭ بىر قىرغىز بالىنى ئۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئىكەن. نەتىجىدە 300 دىن ئارتۇق قىرغىز ياش تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان ئۆيلەرگە بېرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. تۇڭگانلار ئۇلارغا قارشى ئوق چىقارغان.
ھازىر ۋەقە بېسىقتۇرۇلۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئادەملەر قولغا ئېلىنغان، بۇ جايدىكى بىر قىسىم تۇڭگانلار كۆچۈپ كەتكەن.
قىرغىزىستاندا 70 مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان ياشايدۇ، ئۇلار 19-ئەسىردە ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى زو زوڭتاڭ تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپەيگەن.
خىتاي قىسقۇچ پاقىلىرى ئەنگىلىيە دەريالىرىغا تەھدىد سالماقتا
ئەنگىلىيىدىكى نىيۇكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىقارغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا بولىدىغان بىر خىل قىسقۇچ پاقىلار ئەنگىلىيە دېڭىزىدىكى جانلىقلارمى ئوزۇقلۇق قىلىۋاتقان ئىكەن. بۇ قىسقۇچ پاقا 70-يىللاردا دېڭىز يولى ئارقىلىق خىتايدىن ئەنگىلىيىگە كىرگەن بولۇپ، بۇلار ئاساسلىق يۈك پاراخوتلىرى بىلەن ئەنگىلىيىگە كەلگەن ئىكەن.