2006.02.09

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ 8 ‏- فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يىل بېشىدا ، تيانشان رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باشقۇرۇش نىزامنامىسى ۋە باھالاش تۈزۈمىگە ئاساسەن، بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، يەنە بىر قىسىم ئەزالارنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىغان .

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي كېڭەش ۋە شۇنداقلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، كېيىن پۈتۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.