2006.01.13

رابىيە قادىر قاتناش ۋەقەسىدە يارىلاندى

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتىدە قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققاندىن كېيىن، بىر قانچە كۈن دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ، ئۆيىگە يېنىپ چىقتى ھەمدە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچ سائەت 7 :00 لەردە رابىيە قادىر خانىم كاتىپى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، ئۇلار ئولتۇرغان ماشىنىنى ، قارشى تەرەپتىن چىققان بىر كىچىك تىپتىكى مىنىبۇس ئۇرۇۋەتكەن ھەمدە ۋەقە سادىر قىلغۇچى ماشىنىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى بۇ ۋەقەنى» ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىچە سىرلىق قاتناش ۋەقەسى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يولىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈلدى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى (ئۆتكەن ھەپتىدە)پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى، ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مۇبارەك بايرىمىنى قارشى ئالدى. ئەمما، رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق دىنىي ئۆلچەملىرى تۈپەيلىدىن 18 ياشتىن تۆۋەن مۇسۇلمانلار، ئاياللار ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىشى ۋە ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەن.

ئۆتكەن ھەپتىدە ئاخىرلاشقان مەككىدىكى ھەج ئىبادىتى پائالىيىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ھەج پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مىنا تېغىدىكى شەيتانغا تاش ئېتىش پائالىيىتى جەريانىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 345 ئادەم ئۆلگەن ۋە تەخمىنەن مىڭ ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان.

بۇرھان زۇنۇن ئۈچۈن ستوكھولىمدە نەزىر ئۆتكۈزۈلدى

11-يانۋار كۈنى شىۋىتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان، مەرھۇم بۇرھان زۇنونغا ئاتالغان نەزىر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن قايتا نورۋېگىيىگە بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىكلىمەكچى بولغان بۇرھان زۇنوننىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا دانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، تۇيۇقسىزدىن قازا قىلىشى ئۇيغۇرلارنى بەك ئېچىندۇردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ھەم ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دانىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى شۇنىڭدەك ۋەقەنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى. دانىيە ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تەكشۈرمەكتە ئىكەن. ئەمما ،ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دانىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇرھان زۇنوننىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئېلىپ كېتىپ دەپنە قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن.

خىتاي نازاربايېفغا رەھمەت ئېيتتى

11-يانۋار كۈنىدىكى قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېفنىڭ پرېزىدېنتلىققا قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخوڭ نازاربايېف بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قازاقىستاننىڭ تەيۋەن ، تىبەت ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىدە خىتاينى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

زېڭ چىڭخوڭ يەنە مۇراسىمغا كەلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، قىرغىزىستاننى خىتاي بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچكە» قارشى كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا 90% ئاۋاز بىلەن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان نازاربايېف 11-يانۋار كۈنى رەسمى قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ يەنە يەتتە يىللىق مۆھلەت بىلەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

رۇسىيە خىتايلارنى قوغلاپ چىقاردى

رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتىدە رۇسىيىدە قانۇنسىز ياشاۋاتقان خىتايلاردىن 60 نەچچە ئادەمنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولۇپ، بەلكى بۇنداق قوغلاپ چىقىرىش ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.

ھازىر رۇسىيىدە خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، رۇسىيىلىكلەردە خىتايغا قارشى كەيپىياتلارمۇ كۈچەيمەكتە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتا مالىيە -ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باۋكوس سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ئامېرىكا-خىتاي سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلىرىنى تۈزەتمىسە، «ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي ماللىرىنى ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىشىنى چەكلەش يولىدا چارە قوللىنىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارغا مەنسۇپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر يېقىندا 2006-يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بارلىق تاۋارلاردىن 27% باج ئېلىش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇپ، خىتاي-ئامېرىكا سودا بالانسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىدىغانلقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە ئەپسۇسلاندى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئىران يادرو تەتقىقات لايىھىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىراننىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى سىكوت ماكىللان » ئەگەر ئىران خەلقئارا شەرتنامىلەرگە رىئايە قىلمىسا، ئۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ ئەھۋالنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ھەل قىلماي باشقا ئامالىمىز يوق» دېگەن.( ئۈمىدۋار)