2006.01.12

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان بېفىت مىقتارى 24 مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان نېفىت مىقتارىدىن 1 مىليون 500 توننا ئارتۇق ئىكەن.

تەڭرى- تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتە يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي نېفىت گاز زاپىسى 30 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. 1990 ‏- يلىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارى ھەر يىلى، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن نېفىت مەھسۇلاتىنى 1 مىليون 140 مىڭ توننا ئاشۇرغان. بۇ سۈرئەت بىلەن ئۇدا 15 يىل خىتاي بويىچە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا 1 ‏- ئورۇندا تۇرغان.

بىراق چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا خىتاي بويىچە 1 ‏- ئورۇننى ئىگىلىگەن ئۇيغۇر دىيارىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىمىندىكى مول بايلىقنى زىمىن ئىگىلىردىن مەھرۇم قالدۇرۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)