2006.01.11

ئۆتكەن ھەپتە قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم 10‏-يانۋار يەنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىپ، يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتىنى ۋىرجىنىيىدىكى ئۆيىدە ئۆتكۈزدى.

ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن رابىيە قادىر خانىم 5‏- يانۋار كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ئىدى.

رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 لەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا رابىيە خانىم كاتىپى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

ۋەقە بىر مىنىبۇسنىڭ رابىيە قادىر خانىملار كېلىۋاتقان يولغا قارشى تەرەپتىن كېلىپ سوقۇۋېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن مىنىبوس شوپۇرى قېچىپ كەتكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇرنى ئىزدىمەكتە.

ۋەقەدە رابىيە خانىم يارىلانغان بولسىمۇ، بەختكە يارىشا ھاياتى ئېسەن قالغان. ئۇنىڭ كاتىپى بولسا، يىنىك دەرىجىدە يارىلانغان. (پەرىدە)