2006.01.02
2006-يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي باشلىقلىرى يېڭى يىل تەبرىكلىرىنى ئېلان قىلدى.
1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئات ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدىغان تەڭرى تاغ تورىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل تەبرىكنامىلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەزكۇر يېڭى يىل تەبرىك نۇتۇقلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىدا مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۆزىنىڭ خىتاي كاتىپلىرى تەييارلاپ بەرگەن نۇقتىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش تېمىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق خەلققە يېڭى بىر يىلدا «چېگرىنىڭ ئىچى –سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايلى» دەپ چاقىرىق قىلغان. ئەمما، ئەزەلدىنلا ئۆزىنىڭ ھەر بىر سۆز-نۇتۇقلىرىدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى» تەكىتلەشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ۋاڭ لېچۈەن ئۆزىنىڭ مەزكۇر يېڭى يىل نۇقتىدا ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش» دېگەن بۇ كونا ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمىگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي سىياسەتچىلىرىنىڭ يېڭى تاكتىكىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزلىرى تەربىيىلەپ، ھوقۇققا تەيىنلىگەن ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ، خەلقئارا جەمىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقچى بولغان.
12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقىنى، مۇستەقىللىقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى. (ئۈمىدۋار)